مەن پەقەت قىزىمنى دادىسى بىلەن بىللە چوڭ قىلسامكەن، دەيمەن
(ئادالەت سابىت يولدىشى يېنىدا بولمىسىمۇ ئالتە ياشلىق قىزى ئەردەنئاينى ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن چوڭ قىلىشقا تېرىشماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يولدىشىنىڭ چىگرادىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.)
Dec. 20, 2023
As told to Nur’iman for RFA Uyghur
قىزىمنىڭ چىرايى دادىسىغا بەك ئوخشايدۇ. قىزىمغا قارىسام ئۇنى كۆرگەندەك بولىمەن. قىزىمنىڭ دادىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ گۈزەل بالىلىق ۋاقىتلىرى ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.
ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇ ۋاقىتلارغا يانالمايمىز. بالىلار بەك تېز چوڭ بولىدىكەن. ئاتا-بالىنىڭ بىللە ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان ئالتە يىللىق ھاياتى مۇشۇ تەرىقىدە بىھۇدىلا ئۆتۈپ كەتتى.
يىللار شۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىللە ئوينىغىنىنى كۆرسەم پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالغا ئايلانغان بولاتتىم. ئۇلۇغ ئاللاھ، شۇ كۈنلەرنى بىزگە بالدۇرراق نېسىپ قىلغايسەن!

ئابلىمىت ئىككىمىز بىر- بىرىمىزگە ئاشىق بولدۇق، گۈزەل ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق ۋە ئاخىرى توي قىلدۇق. مەن قىزىمغا ھامىلدار بولدۇم. بىز پەقەت خاتىرجەم ۋە بىرگە ياشايدىغان بىر ئائىلىمىزنىڭ بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلاتتۇق.
پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەتكە تولغان بىر ئائىلىمىزنىڭ بولۇشىنىلا تىلىگەن ئىدۇق.
قىزىمغا ھامىلدار بولغاندىن كېيىن مەن ئامېرىكاغا قايتتىم. پىلانىمىزدا ئۇ بىر قانچە ئاينىڭ ئېچىدە ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارقامدىن ئامېرىكاغا كەلمەكچى بولغانىدى. 2017-يىلى 6- ئايدا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ تۈزگەن پىلانلىرىمىز توزغاقتەك توزۇپ كەتتى.
مانا قىزىمىزمۇ ئالتە ياشقا كىرىپ قالدى. ئۇلار تېخى بىرى- بىرىنى قۇچاقلاپ باقمىدى، بىز بىر ئائىلە سۈپىتىدە بىر ۋاخ تاماقنى بىللە يەپ باقمىدۇق. ھەر قېتىم قىزىم ئىككىمىز تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرغاندا ئۇدۇلۇمدا يولدىشىمنىڭ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغىنى يادىمغا كېلىپ يىغا تۇتىدۇ.

(ئەردەنئاي ئاپىسى بىلەن بىللە ناماز ئوقۇۋېتىپمۇ كارتون فىلىمدىن ۋاز كىچەلمىدى)

(ئادالەت قىزى ئەردەنئايغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەكتە. ئۇ«مەن قىزىمنى ئۇيغۇر ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە چوڭ بولسىكەن دەيمەن» دەيدۇ.)

(ئادالەت تاماققا تۇتۇش قىلغاندا ئەردەنئاي قاچىلارنى يۇيۇپ ئاپسىغا ياردەمچى بولىدۇ.)
قىزىم يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتلاردا بىز ئۈندىداردا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق.
مەن بالىنى يالغۇز بېقىپ بولالماي بالا بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا ئۇ ماڭا مەدەت بېرەتتى. «غەيرەت قىلىڭ، پات يېقىندا بارىمەن، پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، سىزگە جاپا سېلىپ قويدۇم. مېنى كەچۈرۈڭ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ پات يېقىندا كېلىشنى ئۈمىد قىلىپ كۈن ساناپ ئولتۇردۇم.
لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئەھۋال يامانلىشىشقا باشلىدى. كۈندە كۆرۈشىدىغان تېلېفونلارمۇ ئازىيىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىمۇ قىسقا، چىرايىمۇ جىددىي تۈس ئالدىغان بولۇپ قالدى

(ئەردەنئاي كۆڭلى يېرىم بولغاندا ئاپسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالىدىكەن)

(ئادالەت تاماقتىن كېيىن قىزى بىلەن بىللە دۇئا قىلماقتا)

ئەردەنئاي ئاتا-ئانىسىنىڭ توي خاتىرە سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاپىسىنى قۇچاقلىماقتا. ئۇ «2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى يولدىشىمنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالدى. ئۇلار ئامېرىكا ۋىزىسى ئۈچۈن كېرەك بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىمىز، دەپتىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ گېپى يالغان چىقتى» دېدى.
ئۆتكەن يىلى يانۋاردا يولدىشىم تۇيۇقسىز ۋىدىيولۇق تېلېفون قىلدى. ئەمما گەپ قىلمايلا قويۇۋەتتى، مەن قايتۇرۇپ تېلېفون قىلسام شۇنداق قوپاللا «مەن سىزگە ھېلى تېلېفۇن قىلىمەن» دەپلا قويۇۋەتتى.
ئۇ ئادەتتە ماڭا شۇنداق مۇلايىم، يۇمشاق ئاۋازدا گەپ قىلاتتى. قىزىمىز يېنىمىزدا بار بولغاندىكىن تېخىمۇ چىرايلىق گەپ قىلاتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلا قوپال ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى. مېنى «قالايمىقان يەرلەرگە بارىدىكەنسىز؛ قالايمىقان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ، قالايمىقان ئىشلارنى قىلىدىكەنسىز. ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ بالىمىزنى باقسىڭىز بولمامدۇ؟» دەپ سوتلاپ كەتتى.
ئاشۇ كۈن مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ كۈنى ئۇ تۇنجى قېتىم ماڭا ئاشۇنداق قوپال تەگدى. مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىمىدى. قىزىمىزنىڭ ئالدىدا ماڭا ۋارقىراپ گەپ قىلدى. ھەتتا قىزىممۇ شۇنى ھېس قىلپتۇ.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. ئۆينىڭ تاملىرى بېشىمغا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىردىنلا يۈرىكىم سىقىلدى، نېمە قىلارىمنى زادىلا بىلمەي قالدىم.
قىزىم تېخى بۇ ئىشلارنى چۈشەنگىدەك ياشتا ئەمەس ئىدى. لېكىن دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشايدىغان قاپقارا قۇمچاقتەك كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.

بۇ ھالەتتە ئۆيدە يالغۇز تۇرالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ، قىزىمنى قۇچاقلاپ ئۆيىمىزگە يېقىنراق يەردىكى بىر سودا مەركىزىگە باردىم. قىزىمنى قۇچىقىمغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنى باغرىمغا مەھكەم باستىم. كۆز ياشلىرىم توختىمايتتى.
ئەتراپىمدا قول تۇتۇشۇپ، كۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر جۈپلەر ۋە بالىلىرىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان ئاتا- ئانىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئۇلارغا قاراپ، شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئېچىدە ئۆزۈمنى تولىمۇ يالغۇز ھېس قىلدىم.
كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈۋېتىپ قىزىمنى بالىلار ئوينايدىغان باغچىغا ئېلىپ باردىم. قىزىم ئويۇنچۇقلارنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال ئويناپ كەتتى.

(ئادالەت ۋە ئەردەنئاي «ئۇيغۇر مەركىزى»گە بېرىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقماقتا)

(شۇنداق قىلىپ مەن قىزىمغا ھەم ئانا ھەم دادا بولدۇم. لېكىن ھەر قانچە قىلساممۇ قىزىنىڭ يېنىدا دادىسى بولغانغا يەتمەيدۇ. باغچىلاردا دادىلىرى بىلەن ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرگەندە قىزىمنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولىدۇ.)
قىزىمنىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپ، يۈرىكىم ئىللىپ قالدى. قىزىمنىڭ خۇشاللىقى مېنىڭ خۇشاللىقىم ئىدى. تۇرۇپلا يالغۇزلۇقۇم ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
قىزىم ماڭا «ئاپا، دادام بەك ئەسكى ئىكەن» دېگەن ئىدى. مەن قىزىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ «ياق قوزام، دادىڭىز ئەسكى ئەمەس، ئاشۇنداق گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى» دېدىم.
ھەممىدىنمۇ بەك كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى، 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئۇيغۇر مائارىپچى ۋە شائىر، مىللىتىگە «ئويغان» دەپ خىتاب قىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى بولغان يولدىشىم قىزىمىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىسەممۇ بولدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقاندىكىن، ئىنگىلىزچە بىلسىلا بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر ئاناتىلى مەكتىپىگە ئاپارماسلىقىمنى ئېما قىلدى.

(ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئەردەنئايغا تەسەللى بەرمەكتە. ئادالەت «قىزىمنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تېرىشتىم. لېكىن ئۇ چوڭ بولغانسىرى دادىسى ھەققىدە تېخمۇ جىق سۇئاللارنى سورايدىغان بولدى. بەزىدە ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي قالىمەن» دەيدۇ.)

(ئادالەت ئۇيغۇر مەكتىپىدە قىزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بالىلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆگەتمەكتە)

(ئەردەنئاي ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار ئادالەتنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئۇسۇل ئوينىماقتا)
مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. يولدىشىمنىڭ قېشىدا جەزمەن خىتاي ساقچىلىرى بار بولۇپ، ئۇنى ئاشۇنداق دېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقان ئىدى. ئۇلار يولدىشىمغا ئاشۇنداق گەپلەرنى دېگۈزۈش ئارقىلىق مېنىڭ ئاغزىمنى يۇمدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى
ئۇلار مېنىڭ نامايىشلارغا بېرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەڭسىز سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىشمنى توسماقچى بولۇۋاتاتتى.
ئەڭ ئاددىيسى ئۇلار يولدىشىمنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولغان قىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامېرىكاغا كېلىشىگىمۇ يول قويمايۋاتىدۇ.

(ئادالەت ئۇيغۇر مەركىزىدە قىزى ئەردەنئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇتلىماقتا. ئەردەنئاي ئالتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ دادىسى بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.)

(ئادالەت رامىزان مەزگىلىدە قىزىنى ئۇيغۇر مەسجىدىگە ئىفتارغا ئېلىپ بېرىش يولىدا ئۇنىڭ ھىجابىنى ئوڭشاپ قويدى. ئادالەت «قىزىم ماڭا ئامېرىكادا تۇغقانلىرىمىز يوقكەن، دېگەندە مەن ئۇنىڭغا مۇشۇ ئۇيغۇر جامائىتىنى كۆرسىتىمەن. شۇنداقلا ئۇنىڭغا بىز يالغۇز ئەمەس، مۇشۇ ئاكا- ھەدىلەر، تاغا-ھاممىلار، بوۋا- مومىلار بىزنىڭ ئائىلىمىز، دەيمەن» دەيدۇ.)
ھەرقاچان قىزىمغا ئۇنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك بىر پەخىرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىمەن. قىزىم تېخى «مىللەت»، «ۋەتەن» دېگەن ئۇقۇملارنى بەك بىلىپ كەتمەيدۇ.
ئەمما ھەر قېتىم ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا «ئەردەنئاي ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرىدۇ ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ.
ئۆيدە قىزىمغا ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىشكە تىرىشىمەن. لېكىن ئۆيدە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىدىغان باشقا كىشى بولمىغاچقا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشمۇ تەس بولىدىكەن. شۇڭا ئۇنى دائىم ھەپتە ئاخىرلىرى ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىگە ئاپىرىمەن. مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشتىن باشقا، مەكتەپتىكى باشقا ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دوستلىشىپ، بالىلىقىغا قېنىۋالسۇن، دەيمەن.

ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا قىزلارغا ئۇسسۇلمۇ ئۆگىتىلىدىكەن. قىزىممۇ ماڭا ئوخشاش ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق. مەنمۇ كىچىكىمدىن ئۇسسۇلغا ھەۋەس قىلاتتىم. كېيىنچە ئۇسسۇل مەكتىپىگە كىردىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىغا ئىشقا چۈشۈپ، كەسپىي ئۇسسۇلچى بولۇپ كەتتىم !
ھەر ھەپتە ئاخىرى بۇ مەكتەپكە كېلىدىغان ئوماق ۋە شوخ ئۇيغۇر بالىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئۆزۈم ئۆگەنگەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئۆگىتىشنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدىكى پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سېپىگە قېتىلدىم.
ھەر قېتىملىق نورۇز ۋە يېڭى يىللىق پائالىيەتلەردە قىزىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇسۇل سىنىپىنىڭ قىزلىرىغا ئۇيغۇر بالىلار ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ، پائالىيەتكە كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىگە ئويۇن قويۇپ بېرىمىز.
ئېشىنىمەنكى، ئامېرىكادا چوڭ بولۇۋاتقان بۇ ئوماق بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا تەڭكەش قىلىپ، شوخ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا چۈشۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنىڭدەك يات ئەللەردە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ.

قىزىمىز ياخشى چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئابلىمت.
بىردىن-بىر ئارزۇيۇم قىزىمنىڭ دادىسى بىلەن بىللە چوڭ بولۇشى ئىدى. ھېيت- بايراملاردا بىر ئائىلە بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، بىر ۋاق تاماقنى ھۇزۇر قىلىپ بىللە يېسەك يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمىكىن، دەيمەن.
بۇ شۇ قەدەر ئاددىي، ھەرقانداق ئىنسانغا ئورتاق بولغان بىر ئارزۇ ئەمەسمىدى ؟
يولدىشىم بۇ دۇنيادا ھايات تۇرۇپ، قىزىمىزنى بىللە چوڭ قىلىش بىزگە نېسىپ بولماي ئۆتۈپ كېتەرمىزمۇ؟

ئىزاھات: ئادالەت سابىت 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئابلىمىت ئابلىز بىلەن توي قىلغان. ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ھەمدە ئامېرىكادىكى خىزمەت ئورنىدىن ئالغان رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئادالەت ئالدىن ئامېرىكاغا قايتىپ تۇرىدىغان، ئابلىمىت بولسا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ۋىزا ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئامېرىكاغا بارىدىغان بولغان. لېكىن ، خىتاي دائىرىلىرى ئابلىمىتنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئابلىمىت ئابلىز بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

Photos and video by Gemunu Amarasinghe
-------------
Video edited by H. Léo Kim
-------------
Text
editing by Nur’iman, Nadir, Jim Snyder, Lauren Kim
-------------
Web page produced by Minh-Ha Le
-------------
Produced by Gemunu Amarasinghe, H. Léo
Kim, Paul Nelson
-------------
© 2023
Radio Free Asia
-------------
Facebook
-
Youtube
-
Twitter
Back to top